EXCELدا جەدۋەل لايىھىلىگەندە ياكى باشقىلار لايىھىلەپ تەييارلاپ قويغان جەدۋەللەرگە سان-سىفىرلارنى كىرگۈزگەن ۋاقتىمىزدا چارچاش سەۋەبىدىن بەزى سان-سىفىرلارنى تەكرار كىرگۈزىۋېتىپ ئاخىرىدا قايتىدىن تەپسىلى سېلىشتۇرۇپ تاپىدىغان ئاۋارىچىلىققىمۇ ئۇچراپ قالىمىز. مۇشۇنداق ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىپ سانلارنى تەكرار كىرگۈزۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئىش ئۈنۈمىنى تېزلەتمەكچى بولسىڭىز جەدۋەلگە سان كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلىپ تەكرار سان كىرگۈزۈشنى چەكلەش فورمىلاسىنى ئورنىتىۋېلىڭ.
excel خىزمەت جەدۋىلىنى ئاچقاندىن كېيىن تىزىملىك ستونىدىن سانلىق مەلۇمات-ئۈنۈملۈك بولۇش(数据---有效性) بۇيرۇقىنى چېكىپ، ئېچىلغان كۆزنەكنىڭ بەلگۈلەش) 设置(تاللانمىسىدىن ئۆزى بەلگۈلەش (自定义) دىگەن تۈرنى تاللاپ، بۇنىڭدىكى فورمىلا دىگەن جايغا تۆۋەندىكى فورمىلانى كىرگۈزۇڭ
1 =(COUNTIF(A:A,A1 =
( بۇ فورمىلادىكىA سان كىرگۈزىدىغان ستون نامىنى ئىپادىلەيدۇ) يۇقارقى فورمىلانى جەزىملەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاشۇ سىتونغا سان كىرگۈزۈپ بېقىڭ سان تەكرارلانغان ھامان سىزنىڭ مەشغۇلاتىڭىز خاتا دىگەن ئەسكەرتىش كۆزنىكى چىقىپ سان كىرگۈزۈش چەكلىنىدۇ.
دۇلانى يازمىسى
مەنبە :روھلان تورى http://www.rohlan.biz/212.aspx
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.


























