قەدەم >> ئەزا مەركىزى | تېما يوللاڭ | يۇمشاق دېتال يوللاڭ | سەھىپىلەر | ياردەم >> بېكەت ئىشلىتىش قوللانمىسى | ئەزا مەركىزى قوللانمىسى | بېكەت خەرىتىسى | RSS

تور نامى، بوشلۇق تور سودىسى تور ساۋاتلىرى پروگرامما بىلىملىرى كومپيۇتېر ساۋاتلىرى ئۆگىتىش دېتاللىرى باش بەت
بىلەرمەن تەۋسىيەلىك بېكەتلەر تور تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بىلىملىرى مەشغۇلات سىستېمىسى يۇمشاق دېتال بازىرى بېكەت خەۋەرلىرى
ئەقلىي يانفون WordPress DedeCMS ماقالە-مۇلاھىزىلەر كومپيۇتېر تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بازىرى خەۋەرلىرى IT

باش بەت

[VB] قايسى كۈن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۇسۇلى

ۋاقتى: 19-07-2011 | مەنبە: Shahdiyar.com | ئاپتورى: شاھدىيار | تەھرىر: قىسمەت | كۆرۈلۈشى: قېتىم | ئىنكاس: 0 پارچە

  • تۆۋەندە Visual Basic 6.0 دىن پايدىلىنىپ بىر ھەپتىدىكى 7 كۈندىن بۈگۈنكى كۈن قايسى كۈن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش جەريانىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
    بۇنىڭ مىسالى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

     



    بۈگۈن 2011- يىل 7- ئاينىڭ 10- كۈنى يەكشەنبە كۈنى بولغاچقا دېتالدا يەكشەنبە دەپ كۆرسىتىپ بەردى. تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ :

     


     


    تۆۋەندە ئەڭ ئۈستىدىكى رەسىمگە ئوخشاش پروگرامما ياساش جەريانىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
    1- باسقۇچ: VB6.0 نى ئېچىپ بىر دانە 工程 قۇرىمىز. ئاندىن Form نىڭ خەت نۇسخىسىنى خالىغان يۇنىكودلۇق يېزىققا توغۇرلاپ بېرىمىز.
    2- باسقۇچ: كونترول قوشىدىغان ئورۇندىن Microsoft Forms 2.0 Object Library كونترولىنى قوشىمىز. چۈنكى، قورال ساندۇقىدە تەمىنلىگەن ئەسلى كونتروللار يۇنىكود قوللىمايدۇ. بۇ كونترول يۇنىكود قوللايدۇ. بۇ پروگراممىدا ئۇيغۇرچە يېزىق بولغاچقا يۇنىكود قوللايدىغان كونترول ئىشلەتمىسەك بولمايدۇ. ئەمما سىرتتىن ھېچقانداق كونترول قوشۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ كونترولنى ئىشلەتكەندىن كېيىن XP ۋە XP دىن كېيىنكى ھەر قانداق مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا يۇنىكودلۇق يېزىقلار نورمال خىزمەت قىلالايدۇ.
    3- باسقۇچ: بىز قوشقان كونتروللار ئىچىدىكى Label دىن بىرنى قۇرىمىز ھەم ئىسمىنى kun قىلىپ بېكىتىمىز.
    4- باسقۇچ: بىز قوشقان كونتروللار ئىچىدىكى Label دىن يەنە بىرنى قۇرىمىز ھەم ئىسمىنى hepte قىلىپ بېكىتىمىز.
    5- باسقۇچ: قورال ساندۇقىدىن Timer دىن بىرنى قۇرىمىز ھەم ئىسمى Timer1 بولىدۇ. ئاندىن خاسلىق رايونىدىن Interval قىممىتىنى 1000 قىلىپ بېكىتىمىز.
    6- باسقۇچ: Timer1 نى قوش چېكىپ كود رايونىغا تۆۋەندىكى كودنى قىستۇرىمىز: 

     

       

    7- باسقۇچ: پروگراممىنى ئىجرا قىلىپ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقىمىز.
    8- باسقۇچ: يۇقارقى باسقۇچلار بويىچە توغرا قىلالىغان بولسىڭىز پروگرامما مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتكەن بولىدۇ.

    بۇ بىر كىچىك پروگرامما. بۇنى ئايرىم پروگرامما قىلىپ ئىشلەتمىسەكمۇ چوڭراق تىپتىكى پروگراممىلارغا بۈگۈنكى كۈننى كۆرسىتىپ بېرىش ئىقتىدارىنى قوشۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغاندا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

    يۇقارقى پروگراممىنىڭ يۇمشاق دېتال نۇسخىسىنى چۈشۈرۈۋالماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى چۈشۈرۈش نۇقتىسىنى چېكىپ چۈشۈرۈۋېلىڭ.

     

    يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈش


    تۆۋەندە بۇنىڭ ئەسلى كودى (源码) سى بېرىلدى. تور بېكىتىمىزنىڭ ئەزاسى بولسىڭىز كىرىپ چۈشۈرۈۋېلىڭ، ئەگەر ئەزا بولمىغان بولسىڭىز ئەزا بولۇپ ئاندىن كىرىپ چۈشۈرۈۋېلىڭ.

    ئەسلى كودىنى چۈشۈرۈش ئادېرىسى ۋە مەنبە: http://www.shahdiyar.com/bilim/viewthread.php?tid=4211 




    ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.

    ياخشىكەن
    (8)
    100%
    ناچاركەن
    (0)
    0%
    ------分隔线----------------------------

    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    سەھىپىلەر
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    شاھدىيار تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: Xjcfan خادىمى تىزىملاتقان ۋاقتى: 11:05 12-05-2009 كىرگەن ۋاقتى: 20:07 19-07-2011
    مەن زىيارەت قىلغان تېمىلار

    تەۋسىيە تېمىلار