قەدەم >> ئەزا مەركىزى | تېما يوللاڭ | يۇمشاق دېتال يوللاڭ | سەھىپىلەر | ياردەم >> بېكەت ئىشلىتىش قوللانمىسى | ئەزا مەركىزى قوللانمىسى | بېكەت خەرىتىسى | RSS

تور نامى، بوشلۇق تور سودىسى تور ساۋاتلىرى پروگرامما بىلىملىرى كومپيۇتېر ساۋاتلىرى ئۆگىتىش دېتاللىرى باش بەت
بىلەرمەن تەۋسىيەلىك بېكەتلەر تور تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بىلىملىرى مەشغۇلات سىستېمىسى يۇمشاق دېتال بازىرى بېكەت خەۋەرلىرى
ئەقلىي يانفون WordPress DedeCMS ماقالە-مۇلاھىزىلەر كومپيۇتېر تېخنىكىلىرى قاتتىق دېتال بازىرى خەۋەرلىرى IT

باش بەت

Windows مۇھىتىدا Wubi ئارقىلىق Ubuntu نى قاچىلاش

ۋاقتى: 05-09-2010 | مەنبە: UKIJ | ئاپتورى: Sawut | تەھرىر: قىسمەت | كۆرۈلۈشى: قېتىم | ئىنكاس: 4 پارچە

  •  

    Windows مۇھىتىدا Wubi ئارقىلىق Ubuntu نى قاچىلاش

    مەنبە:UKIJ تور بىكىتىدىن ساۋۇت ئەپەندىم يوللانمىسى

    Windows مۇھىتىدا Wubi ئارقىلىق Ubuntu نى قاچىلاش

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم !
    بۈركۈت ئەپەندىUbuntu  نى قاچىلاشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئىخچام، چۈشىنىشلىك قىلىپ تونۇشتۇردى. Ubuntu نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە پىكىر بېرىشكە ئاساسىي جەھەتتىن باھانە قالمىدى. مەنمۇ Windows مۇھىتىدا  Wubi ئارقىلىق  Ubuntu  نى قاچىلاشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى ھەققىدە ئۆزەمنىڭ تەجرىبىسىنى بىلجىرلاپ باقاي.
    بۇ خىل ئۇسۇلدا قاچىلاشنىڭ ئارتۇقچىلىقى :
    (1) ئەسلىدىكى قاتتىق دىسكا رايونىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتماي، خۇددى Windows قا پروگرامما قاچىلىغاندەكلا قاچىلىنىدۇ، Ubuntu  نى لازىم قىلمىغاندا كونترول تاختىغا كىرىپلا ئۆچۈرۋەتسە بولىدۇ(پەقەت بىز بەلگىلەپ بەرگەن دىسكا رايۇنىدىكى ھۆججەت قىسقۇچقا قاچىلىنىدۇ).
    (2)مەۋھۇم كومپيۇتېر ۋە بارماق دىسكىغا قاچىلاپ ئىشلەتكەنگە قارىغاندا قاچىلاش ۋە سىستېمىنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتى تېز.
    (3) كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتال بايلىقىدىن  ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ.
    كەمچىلىكى: 9.04 نۇسخىسىنى توردىن يېڭىلىغاندا Linux نىڭ يادرولۇق ھۆججىتىنىڭ يېڭىلىنىشى سەۋەپلىك پۈتۈن سىستىما ئىشلىمىدى.  10.4 نۇسخىسى ھازىرچە بىر نەچچە قېتىم يېڭى ياماقلارنى يامىساممۇ ھازىرچە نورمال ئىشلەۋاتىدۇ.
    Ubuntu نى چۈشۈرىدىغان مەنزىل بۈركۈت ئەپەندىنىڭ تېمىسىدا تەپسىلىي بار . ئاشۇ  CD نىڭ ISO ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ ، ئۇنى دىسكىغا ئويساقمۇ ياكى Diamon Tools تەك مەۋھۇم ئوپتىك قوزغاتقۇچ ھاسىل قىلىدىغان يۇمشاق دېتاللاردا ئاچساقمۇ بولىدۇ.
    دىسكىغا كىرسەك Wubi.exe دېگەن بىرتال ھۆججەت بار ، شۇنى ئىجرا قىلساق تۆۋەندىكدەك قوزغىلىدۇ.



    بۇ نىڭدىن  安装在 Windows 中 نى تاللايمىز .



    بۇ كۆزنەكتىن بىز Ubuntu نى قايسى دىسكىغا قاچىلايدىغانلىقىمىزنى ، قانچىلىك سىغىم بېكىتىپ بېرىدىغانلىقىمىزنى، 桌面环境 دىن Ubuntuنى ، 语言دىن ئۆزىمىزگە تونۇشلۇق بولغان تىلنى تاللايمىز، 使用者名称 غا Ubuntu نى ئىشلىتىدىغان ئابونت نامىنى، 密码  غا مەخپىي نومىرنى بېكىتىپ 安装 نى بېسىۋەتسەك بولىدۇ.





    بۇ چاغدا بىز 立即启动 نى بېسىۋەتسەك كومپيۇتېر قايتا قوزغىلىپ تۆۋەندىكىدەك تاللاش تىزىملىكى پەيدا بولىدۇ.



    بۇ چاغدا بىز Ubuntu نى تاللاپ بەرسەك 10 مىنۇتقا قالماي قاچىلاپ بولىدۇ. بۇ جەرياندا بىز ھېچ ئىش قىلماي قاراپ ئولتاساقلا بولىدۇ. Ubuntu نى بىز ئىشلىتەلەيدىغان تىل مۇھىتىغا تەڭشەشنى بۈركۈت ئەپەندىنىڭ تېمىسىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.


    تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتى:  http://www.ukij.org/munber/forumdisplay.php?fid=36&page=1




    ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.

    ياخشىكەن
    (2)
    100%
    ناچاركەن
    (0)
    0%
    ------分隔线----------------------------

    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    سەھىپىلەر
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    NokiaFun تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: Xjcfan خادىمى تىزىملاتقان ۋاقتى: 06:01 01-01-1970 كىرگەن ۋاقتى: 19:01 11-01-2012
    مەن زىيارەت قىلغان تېمىلار

    تەۋسىيە تېمىلار