1. NTFS دېگەن نېمە ؟
بىز NTFS نى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن FAT توغرىلىق چۈشەنچە ھاسىل قىلايلى.
FAT دېگىنىمىز بولسا ئىنگلىزچە (File Allocation Table) نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، مەنىسى ھۆججەت تەقسىملەش جەدۋىلى دېگەنلىك بولىدۇ. بىز ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەھمىيىتى قاتتىق دىسكا رايونىنى باشقۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. FAT16 ، FAT32، NTFS قاتارلىقلار بولسا نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ھۆججەت باشقۇرۇش سىستېمىسىدۇر .
FAT16 بولسا بۇرۇنقى DOS ، Windows 95 قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھازىرقى Windows 98/2000/XP قاتارلىقلار سىستېمىلار FAT16 ھۆججەت سىستېمىسىنى قوللايدۇ. بۇ خىل ھۆججەت سىستېمىسى ئەڭ كۆپ بولغاندا 2GB چوڭلۇقتىكى قاتتىق دىسكا رايونىنى باشقۇرالايدۇ.
FAT32 بولسا قاتتىق دىسكا سىغىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن Windows 98 دىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان بولۇپ، FAT16 نىڭ كۈچەيتىلگەن نۇسخىسىدىن ئىبارەتتۇر. 2TB (2048GB) قاتتىق دىسكا رايونىنى باشقۇرالايدۇ. ئەمما يەككە ھۆججەتنىڭ سىغىمى GB 4 دىن ئېشىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
NTFS بولسا مىكروسوفت Windows NT يادروسى ئاساس قىلىنغان مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا ئىشلەيدىغان، بىر تور ۋە دىسكا نورمىسى، ھۆججەت مەخپىيلەشتۈرۈش قاتارلىق بىخەتەرلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان دىسكا باشقۇرۇش سىستېمىسى. NTFS ھۆججەت باشقۇرۇش سىستېمىسىدا يەككە ھۆججەتنىڭ سىغىمى GB 4 چوڭ بولۇشقا يول قويۇلىدۇ. Windows NT يادروسى ئىشلىتىلگەن سىستېمىلاردىن Windows 2000/XP نىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر NTFS ھۆججەت باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئىشلىتىشكە قاراپ يۈزلەندى.
2. FAT16 ، FAT32 ، NTFS سىستېمىسىنى قوللايدىغان مەشغۇلات سىستېمىلىرى
FAT16 نى قوللايدىغان سىستېمىلار: windows 95/98/me/nt/2000/xp unix ، linux ، dos،
FAT32 نى قوللايدىغان سىستېمىلار : windows 95/98/me/2000/xp/vista
NTFS نى قوللايدىغان سىستېمىلار : windows nt/2000/xp/vista
3. FAT نى NTFS قا ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى
Windows 2000/XP دا FAT نى NTFS قا ئايلاندۇرۇش قورالى تەمىنلەنگەن بولۇپ، بۇ بۇيرۇقنىڭ ئىسمى Convert.exe دۇر. بۇ بىر DOS بۇيرۇقى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق FAT رايونىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتمىغان ئەھۋال ئاستىدا FAT نى NTFS قا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە: ئالدى Windows 2000/XP نىڭ DOS بۇيرۇقى كۆزنىكىگە كىرىپ، كۆرسەتمە بەلگە كەينىگە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يازساق بولىدۇ.
D:\>convert D: /FS:NTFS
بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق FAT16/32 سىستېمىسىنىڭ خالىغان بىرى بولغان D: دىسكا رايونىنى NTFS ھۆججەت سىستېمىدىكى رايونغا ئايلاندۇرىدۇ.( D: دىسكا رايونى ئورنىغا ئۆزىمىز قايسى رايوننى ئايلاندۇرماقچى بولساق شۇ رايون نامىنى يازساق بولىدۇ) كومپيۇتېرنى قايتا بىر قېتىم قوزغاتقاندىن كىيىن ئايلاندۇرۇش كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
بۇندىن باشقا مەخسۇس قاتتىق دىسكىنى رايونلارغا ئايرىش قوراللىرى (مەسىلەن، Partition Magic) ئارقىلىقمۇ دىسكا ھۆججەت باشقۇرۇش سىستېمىلىرى ئارىسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.
(شاھدىيارسوفتنىڭ ئالاھىدە ئىجازىتى بىلەن يوللاندى)
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز ئەسەرلىرى (دەرسلىك، ماقالە، تەرجىمە، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار) باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولسا، چوقۇم مەنبەسى، ئاپتورى، تەرجىمە ئاپتورى، تەييارلىغۇچى قاتارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.


























