• شىركىتىمىز يۇقىرى تەمىنات بىلەن پىروگراممېر، تۈر پىلانلىغۇچى، شاگىرت قوبۇل قىلىدۇ.
    1. پىروگراممېر: ئون تۆت نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە:
    (1) PHP تور پىروگراممېرى: ئىككى نەپەر
    (2) Net تور پىروگراممېرى: ئىككى نەپەر
    (3) JSP تور پىروگراممېرى: ئىككى نەپەر
    (4) iOS ئەپ پىروگراممېرى: ئىككى نەپەر
    (5) Android ئەپ پىروگراممېرى: ئىككى نەپەر
    (6) WP ئەپ پىروگراممېرى: ئىككى نەپەر
    (7) Windows پىروگراممېرى: ئىككى نەپەر
    2. سىستېما ئۇستىسى: بەش نەپەر (WordPress، DedeCMS، EmpireCMS، PHPCMS، Discuz لارنىڭ ھەربىرىگە بىر نەپەر)
    3. تۈر پىلانلىغۇچى: بىر نەپەر
    4. شاگىرت: يەتتە نەپەر (PHP، Net، iOS، Android، WP، Windows، UI لارنىڭ ھەربىرىگە بىر نەپەر)
    تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ...

  • ئەپ قۇرۇلۇشى

    شىركىتىمىز لايىھەلىگەن مۇلازىمەت خاراكتېرىدىكى بىر نەچچە تور بېكەتنىڭ كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئەپ نۇسخىسىمۇ ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇ ئەپلەر تور بېكەتلەرنىڭ رولىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىگە تەرەپنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىگە تېخنىكا جەھەتتىن كۈچ قوشتى.

    شىركىتىمىز نۆۋەتتە «تور بېكەت ۋە يۇمشاق دېتالغا چوقۇم ئەپ يۈرۈشلەشتۈرۈش كېرەك» دېگەن ئىدىيىدە جىددىي ئىشلەۋاتىدۇ.

  • يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى

    شىركىتىمىز لايىھەلىگەن ئاھالىلەر(مەھەللە) كومىتېتى ئۇچۇرلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، دوختۇرخانا، ئامبولاتورىيە باشقۇرۇش، شىركەت باشقۇرۇش سىستېمىلىرى، كومپيۇتېر ئۆگىتىش يۇمشاق دېتاللىرى رايونىمىزدىكى ئىدارە-ئورۇن، شىركەتلەردە كەڭرى قوللىنىلىۋاتىدۇ.

    ئۇنىڭدىن باشقا شىركىتىمىز تەتقىق قىلىپ ئېچىۋاتقان يۇمشاق دېتال تۈرلىرىدىن ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىسى، ... قاتارلىقلار بار.

  • تور قۇرۇلۇشى

    شىركىتىمىز رايونىمىزدىكى نىسبەتەن كەسپىيلەشكەن شىركەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، رايونىمىزدىكى تۇنجى قوش تىللىق IDC تور مۇلازىمەت سۇپىسىنى يولغا قويغانلىقى، «تارىم» ژۇرنىلى ئورگان تور بېكىتى، رايونىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ساغلاملىق تورى قۇرۇلۇشى - «ئەلداۋا ساغلاملىق تورى» قاتارلىق رايونىمىزدىكى داڭلىق تور بېكەتلەرنى لايىھەلەپ چىقىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئۇچۇر قۇرۇلۇشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى بىلەن كۆزگە چېلىقىدۇ.

  • jadukoz

    جادۇكۆز ئىزدەش موتورى 2-نەشرى


  • جەمگاھ (WP ئۈچۈن)

  • Putuk-Kazakh

    قازاقچە پۈتۈك (WP ئۈچۈن)


  • قازاقچە پۈتۈك (iOS ئۈچۈن)


  • پۈتۈك (iOS ئۈچۈن)

  • 80halta

    80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تور...

    • خېرىدار تەلەپلىرىنى يوللايدۇ.
    • خېرىدار تېلېفون، QQ، ئېلخەت، زاكاز سۇپىسى ياكى يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش ئارقىلىق، بىزگە پىروگرامما (ئەپ، يۇمشاق دېتال، تور بېكەت) نىڭ كۆرۈنمە يۈزى، ئىقتىدارى قاتارلىق تەرەپلىرى ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى ئېيتىدۇ.
      شىركىتىمىز «تۈر لايىھەلەش پىلانى» تەييارلايدۇ.
    • شىركىتىمىز خېرىدار يوللىغان تەلەپ بويىچە پىروگرامما (ئەپ، يۇمشاق دېتال، تور بېكەت) نىڭ تېخنىكىلىق دەرىجىسى، لايىھەلەپ پۈتتۈرۈش ۋاقتى ۋە لايىھە خىراجىتى قاتارلىقلارنى تەپسلىي ئانالىز قىلىپ،«تۈر لايىھەلەش پىلانى» تەييارلايدۇ.
      توختام ئىمزالىنىدۇ.
    • ئىككى تەرەپ «تۈر لايىھەلەش پىلانى» بويىچە تەپسىلىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ بىردەكلىككە كەلگەندىن كېيىن توختام ئىمزالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە خېرىدار توختام ئاساسىي سوممىسىنىڭ %70 ىنى زاكالەت سۈپىتىدە ئالدىن تۆلەيدۇ.
      لايىھە رەسمىي باشلىنىدۇ.
    • شىركىتىمىز توختامغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، پىروگرامما (ئەپ، يۇمشاق دېتال، تور بېكەت) نىڭ UI (كۆرۈنمە يۈز) لايىھەسىنى ئىشلەيدۇ. UI لايىھەسى بېكىتىلگەندىن كېيىن، پىروگرامما (ئەپ، يۇمشاق دېتال، تور بېكەت) نىڭ رەسمىي لايىھەسى باشلىنىدۇ.
      لايىھە ئاخىرلىشىدۇ.
    • شىركىتىمىز توختامدىكى ئۆلچەملەر ۋە UI (كۆرۈنمە يۈز) لايىھەسى بويىچە پىروگرامما (ئەپ، يۇمشاق دېتال، تور بېكەت) نى ۋاقتىدا، سۈپەتلىك تاماملايدۇ ۋە خېرىدارنىڭ سىناق قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.
      توختام ئاخىرلىشىدۇ.
    • خېرىدار تولۇق رازى بولغاندىن كېيىن، قالدۇق %30 ھەقنى تولۇقلاپ تاپشۇرىدۇ. شىركىتىمىز پىروگرامما (تور بېكەت، يۇمشاق دېتال، ئەپ) نىڭ سىناقتىن ئۆتكەن نۇسخىسىنى ۋە باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى خېرىدارغا تاپشۇرىدۇ. توختام ئاخىرلىشىدۇ.